文档介绍:قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا
بىزگە مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر تىل ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدا ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيەرلەرگە ئىگە بولىدۇ. يەنى بىر تىلنى تەشكىل قىلغان فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق تەركىبلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. بۇ شۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى فونېتىكا، لېكسىكا گرامماتىكا، جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلىپ، بېيىپ، بۇگۇنكى دەرىجىگە كەلدى. بۇ ئۇزۇن دەۋر جەريانىدا تىلىمىزنىڭ فونېتىكا سېستىمىسىدا، لېكسىكا سوستاۋىدا ۋە گرامماتىكا قۇرۇلىشىدا بىر مۇنچە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ياشىغان ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆز تىلىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۇرۇش ھەمدە ئۆز تىلىنىڭ تەرققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ھەر خىل سېستىمىدىكى يېزىقلاردىن، جۈملىدىن ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى. ئۇلار: كۆك تۇرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بەش خىل يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىقلار Ⅱ ئەسىرلەردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئومۇمىيۇزلۈكرەك ۋە بىر قەدەر ئۇزۇنراق قوللانغان يېزىقلاردۇر. سوغدى يېزىقى ئىرامىزنىڭ ئالدى- كەينىدىن باشلىنىپ Ⅴ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. كۆك تۇرك يېزىقى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولۇپ ئۈچ يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق.ئىخ – خىىى ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزى