文档介绍:维汉名人名言双语版
ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەرخىللىرىنىڭ داڭلىق ئۈزۈندىلىرى
维吾尔族名人名言
يىللارغا جاۋاب
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
ئوغۇرلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.
يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ…
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلار قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.
بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆلنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.
يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە … بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.
كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.
قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈ